مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا ئىجازىتى سۆھبەت نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

قىممەت دورىلارغا قانداق قىلىپ ئېتىبار باھا چىقىرىلدى؟ (سىياسەت يېشىمى)

2019.12.02 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «2019-يىللىق سۆھبەت دورىلىرىنى ‹دۆلەتنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى›نىڭ B دائىرىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، سۆھبەت دورا ئىجازىتى نەتىجىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. يېڭى نۇسخىدىكى دورا مۇندەرىجىسىدە قانداق يارقىن نۇقتىلار بار، قاچان ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، بىمارلارغا قانداق ئەمەلىي تەسىرى بار؟ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر بۇنى چۈشەندۈردى.

  ◆ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بازارغا سېلىنغان يېڭى دورىلار

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت جەمئىي 150 خىل دورىغا چېتىلىدۇ، بۇ يېڭىدىن كۆپەيگەن 119 خىل سۆھبەت دورىسى ۋە 31 خىل توختامنى ئۇزارتىش سۆھبىتى دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيگەن سۆھبەت دورىسىدىن 70 ىدە سۆھبەت نەتىجىلىك بولدى، باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %60.7 تۆۋەنلىدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ خىل C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاش دورىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %85 تىن يۇقىرى بولدى؛ ئۆسمە، دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالاش دورىسى باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %65 ئەتراپىدا بولدى. توختام ئۇزارتىلىدىغان 27 دورىدا سۆھبەت نەتىجىلىك بولۇپ، باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %26.4 تۆۋەنلىدى.

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى تېببىي دورا مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ شيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بازارغا سېلىنغان ھەمدە بىر قەدەر يۇقىرى كىلىنىكىلىق قىممەتكە ئىگە دورىلار بولۇپ، راك كېسىلى، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك، رېماتىزم ئىممۇنىتېت، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر، ھەزىم قىلىش قاتارلىق 10 نەچچە كىلىنىكىلىق داۋالاش ساھەسىگە چېتىلىدۇ. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بەش ئاساسىي دورا سۆھبىتىنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، راكقا قارشى 22 خىل دورا، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان يەتتە خىل دورا، 14 خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىلىرى (دىيابېت كېسىلى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان تۆت خىل دورا سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، مۇندەرىجە قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى 2018-يىلى يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان. مەسىلەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلگەن بىردىنبىر PD-1 تۈردىكى ئۆسمىنى ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش دورىسى شىندىلى يەككە ئانتىتېلا ئوكۇلى، بۇ دورا دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرى بولغان «زور يېڭى دورا ياساش» نەتىجىسى بولۇپ، بۇلتۇر 12- ئايدا تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنغان. كىلىنىكىلىق ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىممۇنىتېت تۈرىدىكى ئۆسمىگە ئىشلىتىلىدىغان دورا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ دورىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلۈشى تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنىڭ ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش دورىسى ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  فوسفات كىسلاتالىق لۇكوتىنى ناملىق سۆڭەك تالالىشىش كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا بۇلتۇرقى 18 خىل ئۆسمىنى داۋالاش دورىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجازىتى سۆھبىتىدە سۆھبەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بىردىنبىر دورا بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ يىلقى سۆھبەتتە، بۇ دورىغا دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن باھا قويۇلۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلدى. بۇ شىركەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش دورىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرىش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ