مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھازىرنى ھەم يىراق كەلگۈسىنى باشقۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىنى كۈچەيتىش

يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك مۇھىم، زور خىتاب

2019.11.29 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  يەر مۇناسىۋىتى يېزىلاردىكى ئەڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بولۇپ، يەر تۈزۈمىنى يادرو قىلغان ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى سىياسەت ئۇل تېشى. يېقىندا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك توغرىسىدىكى پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ» پىكىر دېيىلىدۇ»)نى ئېلان قىلدى. 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ بىلەن يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كاتىبات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇڭياۋ بۇ توغرىسىدا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈش بەردى.

  «بىرگە تەگمەي 100نى ئۆزگەرتمەسلىك»تەك مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى «پىكىر»نىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە، چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. خەن چاڭفۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: «پىكىر»دىكى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىكنىڭ سىياسىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى «ئىككىنى ئۆزگەرتمەسلىك، بىرنى مۇقىملاشتۇرۇش»قا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: يەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىنى ساقلاپ، ئائىلە ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ئاساسىي تۈزۈمىنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك؛ دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ يەرنى قانۇن بويىچە ھۆددىگە ئېلىش ئاساسىي ھوقۇقىنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك؛ دېھقانلارنىڭ ھۆددە يېرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش.

  «<پىكىر> دە ئائىلە ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ، يېزا يەر سىياسىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور خىتاب بولۇپ، ھازىرنى ھەم يىراق كەلگۈسىنى باشقۇرىدىغان، <بىرگە تەگمەي 100نى ئۆزگەرتمەسلىك>تەك مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى»- دېدى، خەن چاڭفۇ، - يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ___ ھەم دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىشقا، ھەم يېزا يېرىنىڭ ئوبوروت قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلىتىمىزدە ھازىر يېزا ھۆددە يېرىدىن 1 مىليارد 500 مىليون مودىن ئارتۇق بولۇپ، 200 مىليونغا يېقىن ئائىلىگە چېتىلىدىكەن. 2-نۆۋەتلىك ھۆددىگە ئېلىش 1993-يىلىدىن باشلىنىپ، 1999-يىلىغىچە ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان. ھۆددىگە ئېلىش مۇددىتىنى 30 يىل بويىچە ھېسابلىغاندا، 2023-يىلى زور تۈركۈملىرىنىڭ ۋاقتى توشۇپ، 2026-يىلىدىن 2028-يىلىغا مەركەزلىشىدىكەن. 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىن كېيىن، بۇ قېتىمقى «پىكىر»دە 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېزىلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ 1-نۆۋەت ھۆددىگە ئالغاندىن باشلاپ ئۇدا 75 يىل مۇقىم بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  «بۇ، <ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك>نى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرى، شۇنداقلا كونكرېت ئىپادىسى»- دېدى خەن چاڭفۇ. «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار بېكىتىلدى: 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە ئېلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۇزارتىپ ھۆددىگە ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھۆددە يەرنى قالايمىقان قايتىدىن بۆلۈشكە بولمايدۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆددە يېرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەم 2-نۆۋەتلىك ھۆددە ئېلىش مۇددىتى توشقان ۋاقىتتىن باشلاپ ھۆددىگە ئېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ