مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەتراپىمىزدىكى 103 نەپەر ياخشى كىشى 11-ئايلىق «جۇڭگو ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى»گە تاللاندى

2019.11.29 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىڭ شەھىرىدە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ھەم 11-ئايلىق «جۇڭگو ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى. ئەتراپىمىزدىكى 103 نەپەر ياخشى كىشى شەرەپ بىلەن تاللاندى.

  تاللانغان ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر ئىچىدە «ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى»نى قۇرغۇچى، 34 يىل 1000دىن ئارتۇق بالىنىڭ بالىلىق دەۋرىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە خالىس ھەمراھ بولغان 80 ياشلىق بوۋاي لى چۇمىن، ساياھەت يولىدا ئاپتوموبىل ۋەقەسىگە ئۇچرىغان 12 يارىدارنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان بوۋاي بۇ چىڭپىڭ، «بەش يۈەن ساتىراشخانىسى»نى چىڭ ساقلىغان، قوشنا-قۇلۇملارغا 20 يىل سەمىمىي مۇلازىمەت قىلغان لىن يىجۇڭ، 34 يىلدا 210 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى چارلىغان «تاشيول ئاسرىغۇچى ئەلىيۇلئەلا» لى ئەيلۇڭ، 31 يىل سەككىز ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالغان شيې جاۋچيەن... بار. توردا بىۋاسىتە تارقىتىشنى كۆرگەن بىر تورداش مۇنداق سۆز قالدۇردى: خىزمەت ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغان ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ