مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئېغىر ۋەزىپىنى كۈچەپ تاماملىدى

مەكتەپتە ئوقۇشتا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ (ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش − «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى – مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلماقتا)

2019.11.28 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى، باش تېما تەربىيەسى باشلىنىشى بىلەنلا مەسىلىگە يۈزلىنىپ، «ئۆزگەرتىش»نى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇردى. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن تارتىپ 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى 832 نۇقتىلىق ناھىيەدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2019-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى 290 مىڭدىن 65 مىڭغا ئازايدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەردىكى ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 150 مىڭدىن 27 مىڭغا ئازايدى.

  2018-يىلى، ئېلىمىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ساپ نىسبىتى %99.95 كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا %100.9 كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.2 كە يەتتى، ئالاقىدار كۆرسەتكۈچلەر دۇنيا بويىچە يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتتى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ: ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئېغىر ۋەزىپە ئىدى. «بەزى جايلاردا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە تېگى-تەكتى ئېنىق بولماسلىق، مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولماسلىق، بىرلەشمە كونترول قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق، ئۈنۈمى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا، بۇنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك»، دېدى.

  ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇردى، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەردىكى ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدا كاپالەتكە ئىگە بولۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئۈچ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئالتە ئۆلكىگە بېرىپ مەخسۇس تۈزەشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  نۆۋەتتە، مائارىپ مىنىستىرلىقى 13 ئۆلكە بىلەن «مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالىدى، نۇقتىلىق ئۆلكىلەر بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىنامىسى ئىمزالاپ، بىرلەشمە كونترول قىلىش، بىرلەشمە كېپىللىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، مەملىكەت بويىچە %95 ناھىيە «بىر ناھىيەدە بىر لايىھە» بولۇش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، گۇيجۇ، سىچۈەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا «ھۆكۈمەت بىر لىنىيە، مائارىپ سىستېمىسى بىر لىنىيە» دىن ئىبارەت قوش لىنىيەلىك كۆپ دەرىجىلىك ھۆددە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ھاكىم، ئىدارە باشلىقى، يېزا باشلىقى، كەنت كادىرى، مەكتەپ مۇدىرى، ئائىلە باشلىقىنىڭ ھەممىسى مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  لۈ يۈگاڭ مۇنداق دېدى: «مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى سىستېمىسى بىلەن دۆلەتنىڭ نوپۇس ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرى، مەملىكەت بويىچە نامرات نوپۇس ئۇچۇر ئامبىرىنى سېلىشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلارنى تەشكىللەپ ئۈچ قېتىم مەملىكەت بويىچە مەركەزلىك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈپ سانىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ھېساباتى ۋە توردا باشقۇرۇش سۇپىسىنى قۇرۇپ، ھەرىكەتچان نومۇر ئۆچۈرۈشنى باشقۇرۇشنى يولغا قويدى».

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېزىلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئالاقە تورى + مائارىپ» ئارقىلىق يېزا مەكتەپلىرىنى سۈپەتلىك ئۆگىنىش بايلىقى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، مەركەز مالىيەسى ھەر يىلى 30 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپ ۋە يېزا- بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى بىلەن كەسپىي مائارىپنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلگىلىك كەسپىي ماھارەت ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ