مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى جازالاشنى تۈرگە ئايرىيدۇ ھەم كونكرېت جازالاش ھوقۇقىنى بېكىتىش توغرىسىدا مۇخەسسىسلەر چۈشەندۈرىدۇ

ئوقۇتقۇچىلار قولىدىكى تاياقنى قانداق باشقۇرۇشى كېرەك؟

2019.11.26 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلەش-جازالاشنى يولغا قويۇش قائىدىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»گە (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قائىدە» دېيىلىدۇ) ئاشكارا پىكىر ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. «قائىدە»دە تەربىيەلەش-جازالاشنى ئادەتتىكى جازالاش، بىر قەدەر ئېغىر جازالاش، ئېغىر جازالاش ۋە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشقا ئايرىدى. «قائىدە»نىڭ ئېلان قىلىنىشى جەمئىيەتتە قايتىدىن قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

  «بىز ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خاتالىقنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، تور شۇنچە تەرەققىي قىلغان تۇرسا، ئازراق ئېھتىيات قىلمىسىلا ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ»، دېدى تيەنجىن شەھىرى جىجوۋ رايونىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گاۋ خۇڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، __ ئوقۇغۇچىلار تېخى دۇنيانى تونۇش، ئۈچ خىل قاراشنى تىكلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  گاۋ خۇڭ «قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار بالاغەتكە يېتىش دەۋرىدە بولغاچقا، بەزىدە بىر ئاز قارشىلىشىدۇ. «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گەپ ئاڭلىمايدىغان بەزى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مۇۋاپىق جازالاش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك، لېكىن جازانىڭمۇ ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسى ۋە فىزىيولوگىيەسىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ ھەم ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش، ھەم تەربىيەلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. »گاۋ خۇڭ مۇنداق دېدى: جازالاش بەزىدە ئوقۇغۇچىلارغا خاتالىقىنى ھېس قىلدۇرالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى قوزغايدۇ، شۇڭا ھەم قايىل قىلارلىق تەربىيە بېرىپ، ھەم ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا جازالاپ، ئوقۇغۇچىلارغا خاتالىقىنى تونۇتۇپ، تۈزىتىش كېرەك.

  «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە مۇستەقىللىقى، ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار، قايىل قىلىش تەربىيەسى ۋە جازالاش ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولۇشى كېرەك، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارغا قايسى خىل ئۇسۇلدا تەربىيە بېرىش كېرەكلىكىگە قاراش كېرەك»، دېدى گاۋ خۇڭ. جاڭ چاۋ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچسىنىڭ ئائىلە باشلىقى بولۇپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جازاسى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى، «زالىمدىن ئالىم چىقىدۇ، دېگەن ئۆلچەم قەتئىي بولمايدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قارشىلىشىش دەۋرىدە بولغاچقا، قانچە ئۇرۇپ-تىللىغانسېرى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. لېكىن ھەددىدىن زىيادە مۇلايىملىق بىلەن تەربىيەلەشكىمۇ بولمايدۇ، بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار ئادىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋاپىق جازالاش ھوقۇقى بېرىش كېرەك».

  «بالام ئەگەر گەپ ئاڭلىمىسا، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا تەربىيە بەرسە بولىدۇ. ئەگەر قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرتمىسە، ئۇنى ئۇرۇشقا قارشى تۇرمايمەن. قەدىمكى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوقۇتۇش تايىقى بار ئىدىغۇ؟ قول ۋە كاسسىغا ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ»، دېدى جاڭ چاۋ.

  بېيجىڭ 2-چەت ئەل تىلى شۆيۈەنى خەلقئارا قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى ۋاڭ تيەنشىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تەن جازاسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدىنىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈشى، بولۇپمۇ ئاغرىتىش ئارقىلىق جازالاش ياكى تەربىيەلەش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن ئۇرۇش، ئۆرە تۇرغۇزۇپ جازالاش، تىزلىتىپ جازالاش ۋەھاكازالار؛ شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى باشقا ۋاسىتىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن جازالاش ھەم ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلارنى مەسخىرە قىلىش، ھاقارەتلەش، ئەمگەك جازاسى بېرىش، چەكتىن ئاشقان دەرىجىدە تاپشۇرۇق كۆچۈرتۈش ۋەھاكازالار؛ ئوقۇتقۇچىنىڭ جازالىشى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ لاياقەتسىز قىلمىشىغا قارىتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىغا مەلۇم تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلاردا توۋا قىلىش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنى تۈزەشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلى. تەربىيەلەش- جازالاش ئوبيېكتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش قىلمىشى بولۇپ، جازالاش دەرىجىسىمۇ جازالاش ئوبيېكتى ۋە ئۇ ئۆتكۈزگەن قىلمىشنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ