32-نۆۋەتلىك ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

«مەڭگۈلۈك» ناملىق فىلىم ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى بولۇپ قالدى

2019.11.25 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 32-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنوچىلىقى ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى 23-نويابىر كەچتە فۇجيەننىڭ شيامېندا ئېلان قىلىندى، «مەڭگۈلۈك» ناملىق فىلىم ئەڭ ياخشى سېنارىست مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئەڭ چوڭ غەلىبە قازانغۇچى بولۇپ قالدى.

  28-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن خوراز بەيخۇا كىنو بايرىمى 23-نويابىر كەچتە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، مۇراسىمدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى، ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 تۈرلۈك ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى تۈرى ئېلان قىلىندى، ۋاڭ جىڭچۈن بىلەن يۇڭ مېي «مەڭگۈلۈك» ناملىق فىلىمدىكى قالتىس ئورۇنلاش ماھارىتىگە تايىنىپ، ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى ۋە ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  لىن چاۋشيەن ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى» ناملىق فىلىم بىلەن ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا، «سەرگەردان يەر شارى» ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ۋېن مۇيې رېژىسسورلۇق قىلغان «مەن دورا ئىلاھى ئەمەس» ناملىق فىلىم ئەڭ ياخشى تۇنجى رېژىسسورلۇق ئەسىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ۋاڭ جىفېي «گۇتيەن ھەربىي كانىيى» ناملىق فىلىمدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا، ۋۇ يۈفاڭ «مېنى كۆك بۇلۇتقا ئۇزىتىپ قويۇڭ» ناملىق فىلىمدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى كەچتە، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يەنە ياڭ زەيباۋ، ۋاڭ تيېچېڭ، شۈ فۇشەندىن ئىبارەت ئۈچ پېشقەدەم سەنئەتكارغا ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت كىنو سەنئەتكارى دېگەن نامنى بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى ھەر يىلى بىر قېتىم باھالىنىدىكەن، بۇ، جۇڭگو كىنوچىلىرىنىڭ كۆپ يىللىق ئارزۇسى ۋە كىنو ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 29-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن خوراز بەيخۇا كىنو بايرىمى ۋە 35-نۆۋەتلىك ئاممىۋى كىنو بەيخۇا مۇكاپاتى 2020-يىلى خېنەن جېڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ