مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلەش-جازالاشنى يولغا قويۇش قائىدىسى»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆلچەم ۋە قائىدە بېكىتىدۇ

2019.11.25 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلەش-جازالاشنى يولغا قويۇش قائىدىسى»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تەربىيەلەش-جازالاشنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى زۆرۈر ئۇسۇل ۋە قانۇندا بېكىتىلگەن خىزمەت ھوقۇقى ئىكەنلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قائىدە- ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان جازالاش ئۇسۇلى قوللانسا بولىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىگىمۇ «مەنئى قىلىش تىزىملىكى» تۈزۈلدى.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى، گېزىتىمىزنىڭ مىكرو بىلوگىدا تەسىس قىلىنغان سۆز تېمىسىدا «مائارىپ مىنىستىرلىقى تەربىيەلەش-جازالاش ھوقۇقىنىڭ چېكىنى بېكىتمەكچى» دېگەننىڭ ئوقۇلۇش مىقدارى 140 مىليونغا يەتتى. كىشىلەر ئۇنى ئوقۇش بىلەن بىللە يەنە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەلەش-جازالاش ھوقۇقىنى نېمىشقا ئېنىق بەلگىلەش كېرەك»، «ئوقۇتقۇچىلار جازالاشنىڭ سالمىقىنى قانداق ئىگىلەيدۇ»...

  بۇنىڭغا قارىتا، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە 1-سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار زىيارەت قىلىندى.

  بۇ يىل 7-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى تۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەلەش-جازالاش ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىسمەن تەرتىپ خاراكتېرلىك قائىدىلەرنىڭ قاتتىق بولماسلىقى، قېلىپلاشماسلىقى سەۋەبلىك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەلەش-جازالاش ھوقۇقىنى توغرا ئىشلىتىشىگە تەسىر كۆرسەتتى.

  شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياۋ جيەنلۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپ قارىشىدا، ئوقۇتقۇچىنىڭ جازالاش ھوقۇقىنى مۇزاكىرە قىلىش ھاجەتسىز مەسىلە، جۇڭگودا قەدىمدىن تارتىپ «قاتتىق تەربىيە بەرمەسلىك __ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھۇرۇنلۇقى» دېگەن گەپ بار. لېكىن، كىشىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەت ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جازالاش ھەرىكىتىگە يول قويۇش دەرىجىسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، كۆپ قېتىم ئائىلە، مەكتەپ ماجىرالىرى كېلىپ چىقتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر دۆلىتىمىزدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جازالاش ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇندىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» باركەن. مائارىپ قانۇنىدا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ياكى جازالاش ھوقۇقى بارلىقى بېكىتىلگەن. ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق قىلمىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرز قىلمىشىنى توسۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىش ۋە توسۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى بېكىتىلگەن.

  «لېكىن بۇ قانۇنلاردا تەربىيەلەش- جازالاش ئۇقۇمى تىلغا ئېلىنمىغان، بۇ «‹ئوقۇغۇچىلارنى جازالىغىلى بولامدۇ- يوق؟› دېگەن بىر مەسىلىگە ئايلانغان، چۈنكى كىشىلەر قائىدىگە ئۇيغۇن قانۇنلۇق جازالاش ۋە تەن جازاسى بېرىپ خورلاشنىڭ چېكىنى بىلمەيدۇ، بۇ، قىسمەن مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرىمەن› دەيدىكەن ‹خەۋپ-خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشى› كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ