مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

61 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغى خامچوتى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى

2019.11.25 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئىگىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش مەخسۇس مەبلىغى، يەر تۈزەش خىزمىتى مەخسۇس مەبلىغى ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش مەبلىغىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قىسمىغا بىرىكتۈرۈپ ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغى تەسىس قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېتىز- ئېرىق ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشكە مەدەت بەردى. ئالدىن ھېسابلاش ئۇسۇلى قاتارلىق ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا مەركەز مالىيەسى جايلار ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 2020-يىللىق ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغى خامچوتى (كۆرسەتكۈچى) دىن جەمئىي 61 مىليارد 600 مىليون يۈەننى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈردى، ئالدىن چۈشۈرۈلگەن خامچوت 2019- يىللىق ئوخشاش تۈردىكى خامچوت ئىجرا سانىنىڭ %90 ىدىن ئاشتى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى جايلاردىن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركەز چۈشۈرگەن خام چوتقا بىرلەشتۈرۈپ خام چوت تۈزۈش، پارچىلاپ چۈشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، 2020-يىللىق خام چوت يىلىغا كىرگەندىن كېيىن، تەرتىپ بويىچە ۋاقتىدا مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەرنىڭ نامرات ناھىيەلەرگە ئىشلەتكەن بۇ تۈرلۈك مەبلەغ ئېشىش دائىرىسى بۇ تۈرلۈك مەبلەغنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش دائىرىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ