مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر تارقىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.11.25 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش − بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئىلھام. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈزۈمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، مېخانىزمنى ياخشىلاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى قوغداش ئىكەنلىكىدەك ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قاتتىق قوغداش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئوخشاش قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن، مەمۇرىيەت، ئىقتىساد، تېخنىكا، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ قوغداشنى كۈچەيتىپ، قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2022-يىلىغا بارغاندا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇقىنى قوغداشتا «دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، دەۋرىيلىكى ئۇزاق بولۇش، تەننەرخى يۇقىرى بولۇش، تۆلەم تۆۋەن بولۇش» ۋەزىيىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش لازىم. 2025-يىلىغا بارغاندا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى جەمئىيەت رازىمەنلىكىنى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ، قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، قوغداش سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان سودا مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان ئاساسىي كاپالەت رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ