مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە 832 نامرات ناھىيەدىكى ئوقۇشتىن قالغانلارنىڭ سانى 290 مىڭدىن 65 مىڭغا كېمەيدى

2019.11.22 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى باشلامچى بولۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى «ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارايدىغان، دەخلى- تەرز قىلىدىغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش» خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2019- يىللىق «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەلىمى»دىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە كىرگۈزۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇشتىن قېلىشنى دەل جايىدا تىزگىنلەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورناتتى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى مەخسۇس مائارىپ مىنىستىرلىقىغا پىكىر خېتى ئەۋەتتى ھەم مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ كېڭىشىپ، ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر ناھىيەدە، بىر لايىھە» بولۇش

  مەملىكەت بويىچە %95 ناھىيەدە ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت لايىھەسى ئېلان قىلدى

  2018-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ ساپ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.5كە يېتىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.2 بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەر دۇنيادىكى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتتى. ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى قىيىن مەسىلىلەر ئىدى.

  ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىغا، ئەمەلىي ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 13 ئۆلكە بىلەن «مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ئىمزالاپ، ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا ئەسلەتمىگە كىرگۈزدى. مەخسۇس مەملىكەت بويىچە ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېزىلارنىڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاساسىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى. ھازىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى %95 ناھىيە ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە «بىر ناھىيەدە بىر لايىھە» خىزمەت لايىھەسىنى ئېلان قىلدى.

  دەل جايىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ، قايتىشقا دەۋەت قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش

  ھەرقايسى جايلار قايتا ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

  مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، چىڭخەي ئۆلكىسى 30 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى قوزغىتىپ، ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن ۋاز كېچىپ، قاتناش قولايسىز، قەھرىتان سوغۇق، ياتاق-تامىقى كاپالەتسىز بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئۆيمۇئۆي ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە، چارۋىچىلارنىڭ چېدىرىغا بېرىپ، ئوقۇشتىن قالغان ئوقۇغۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تىزىملاش ۋە قايتا ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ گەنسۇ ئۆلكىسى مەخسۇس ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش APPسى ئېچىپ، ھەرقايسى مەكتەپلەرنى ھەر كۈنى مەكتەپكە كەلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېلىشقا تەشكىللەپ، رەتكە تۇرغۇزۇشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ھەرقايسى جايلاردا ئوقۇشتىن قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي سانىنى دەل جايىدا رەتكە تۇرغۇزۇش بىلەن بىللە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى سىستېمىسى بىلەن دۆلەتنىڭ نوپۇس ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرى، مەملىكەتلىك نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىنى سېلىشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلاردىن سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۆيگە بىرمۇبىر بېرىپ، ئوقۇشتىن قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى. رەتكە تۇرغۇزۇش ئۈنۈمى ۋە توغرىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت ھېساباتىنى توردا باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ئوقۇشتىن قالغان ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى خاتىرىلىدى ھەم ۋاقتىدا يېڭىلاپ، ھېسابات نومۇرىنى ئۆچۈرۈپ باشقۇردى.

  سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش

  نامرات رايونلاردىكى ئوقۇشتىن قالغانلار ئەسلىدىكى 290 مىڭ كىشىدىن 65 مىڭ كىشىگە كېمەيدى

  ئوقۇشسىز قالغان، ئوقۇشتىن قالغان نۇرغۇن بالىلار قايتا مەكتەپ قوينىغا قايتقاندا، قانداق قىلىپ ئۇلارغا مەكتەپنى سۆيىدىغان قىلىش، مەكتەپتە تۇرىدىغان قىلىش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدۇرۇش يېڭىدىن ئوقۇشتىن قېلىش ۋە قايتا ئوقۇشتىن قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى جىددىي ھەل قېلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇپ، يىلدا 30 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپ ۋە يېزا-بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمىدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى كۈچەيتتى. يېزا- كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە قوشۇۋېتىش تەرتىپىنى چىڭىتىپ، مەكتەپ يىراق بولۇش سەۋەبلىك ئوقۇشتىن قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلاردىكى قايتا ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى تۈرگە ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تۇرۇشى، ياخشى ئۆگىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ تاماق، ياتاق، قاتناش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يولغا چىقىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ ياردەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، پىسخىكا جەھەتتىن ماسلىشىش ۋە مەكتەپكە سىڭىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ ئۆگىنىش ئارقىلىق يۆلەش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش- ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ياكى ئايرىم سىنىپ ئېچىپ دەرس تولۇقلاپ، ئۆگىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلدى؛ كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلگىلىك كەسپىي ماھارەت ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى؛ «بىر كىشىگە بىر لايىھە» بويىچە لايىھە تۈزۈپ، سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئوقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مېيىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلدى.

  باش تېما تەربىيەسىنىڭ مەخسۇس تۈزەش نەتىجىسىنى ئامما باھالىشى، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت دەرىجىلىك 832 نامرات ناھىيەدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇشتىن قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بۇ يىل 5-ئايدىكى 290 مىڭدىن 65 مىڭغا كېمىيىپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 150 مىڭدىن 27 مىڭغا كېمىيىپ، 2020-يىلى «مەجبۇرىيەت مائارىپىنى كاپالەتلەندۈرۈش» نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. (مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتىدىن ياۋ ۋېنجيا)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ