پېڭ لىيۈەن بىل گايتىس بىلەن كۆرۈشتى

2019.11.22 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۇبېركۇليۇز ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش دوستلۇق ئەلچىسى پېڭ لىيۈەن 21-نويابىر بېيجىڭدا ئامېرىكا گايتىس فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى بىل گايتىس بىلەن كۆرۈشتى.

  پېڭ لىيۈەن گايتىس فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشقانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، فوند جەمئىيىتىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەمدە ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. پېڭ لىيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنىڭ بىرى، دەپ بىلىدۇ، گايتىس فوندى جەمئىيىتىنىڭ داۋاملىق قوللىشى ۋە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ فوند جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە تۇبېركۇليۇز ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، پايدىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  بىل گايتىس جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ساغلام يۆلەش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرى ۋە جۇڭگونىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ. گايتىس فوندى جەمئىيىتى جۇڭگو بىلەن سەھىيە، نامراتلارنى ئازايتىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ