2019 دۇنيا 5G يىغىنى تاراتقۇلار لاگېر تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2019.11.21 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ،5G يىغىنىغا قاتناشقان 5G تېخنىكا كۆرگەزمە رايونى (20- نويابىر تارتىلغان).

  20- نويابىر، 2019 دۇنيا 5G يىغىنى تاراتقۇلار لاگېرىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 11- ئاينىڭ 21- كۈنى بېيجىڭدا رەسمىي باشلىنىدىغان 2019 دۇنيا 5G يىغىنى «5Gنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشى، 5Gنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىشى»نى ئاساسىي تېما قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان ئالىملار، دۇنيا 5Gنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلار، 5G كەسپىنىڭ ئابۇنىچىلىرى ۋە داڭلىق مەبلەغ سالغۇچىلىرى قاتارلىقلارنى توپلىغان بولۇپ، يىغىن جەريانىدا، 5G ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار، كەسىپ يۈزلىنىشى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ