خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 18-نويابىر «ئىستېمالنى قوغداش» ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا زىيان يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان دېلودىن 1474 نى تۇرغۇزۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى كۈچلۈك چۆچۈتۈپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭى «‹ئىستېمالنى قوغداش›نى قانات يايدۇرۇش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 4- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش؛ توپلىغان ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش، سېتىش ياكى باشقىلارغا قانۇنسىز بېرىش؛ ئىستېمالچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ياكى ئىستىمالچىلار تەلەپ قىلمىغان ياكى ئىستېمالچىلار رەت قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ئەھۋالدىمۇ، ئۇلارغا سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا نۇقتىلىق زەربە بەردى.
بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ خۇڭسەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەرىكەت مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان دېلودىن 1474 نى دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق ئۇچۇردىن 3 مىليون 692 مىڭنى تەكشۈرۈپ چىقتى، جەرىمانە ۋە مۇسادىرە قىلىنغان پۇل 19 مىليون 464 مىڭ يۈەنگە يەتتى، 154 دىلو جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى؛ قانۇن ئىجرا قىلىش بىرلەشمە ھەرىكىتى تۆت قېتىم تەشكىللەندى؛ مەمۇرىي سۆھبەت 3536 قېتىم قانات يايدۇرۇلدى؛ تەشۋىقات پائالىيىتى 10 مىڭ 653 قېتىم قانات يايدۇرۇلدى. «دېلو بېجىرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئاساسلىقى ئۆي-جاي ئىجارە بېرىش، سېتىش، بېزەش، تەربىيەلەش قاتارلىق ئۈچ ساھەدە كۆپ يۈز بەرگەن بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ 640 دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، دېلوغا چېتىشلىق ئۇچۇر 3 مىليون 139 مىڭغا يەتكەن، جەرىمانە، مۇسادىرە 10 مىليون 806 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %43.4ى ۋە %55.5 نى ئىگىلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ