مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى 10 ئايدا تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى %2.4 ئاشتى، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق

تاشقى سودىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولامدۇ؟

2019.11.19 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  ئالدىنقى 10 ئايدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 25 تىرىليون 630 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 13 تىرىليون 990 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %4.9 ئاشتى. دۇنيا سودا سېلىنمىسى تۆۋەن بولۇۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، خىرىسقا تولغان ۋە ئېنىقسىز بولغان تەرەققىيات مۇھىتى ئالدىدا، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالىشىپ، سۈپىتى مۇقىم ئۆستى.

  سودا چوڭ دۆلىتىدىن سودا كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ مېڭىشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈپ، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئاساسىي تەرىپىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، تاشقى سودىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، "تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ئىزچىل داۋاملاشتى، جۇڭگونىڭ تاشقى سودىدا مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشتا ئاساسى بار، شارائىتى بار ۋە ئىشەنچىسى بار.

  تاشقى سودىدا ئېرىشكەن نەتىجە ئاسانغا توختىمىغان

  تاشقى سودا ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە كارخانىلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بار.

  ـ ـ ـ يېقىندا بىز ھىندىستاندا سودىلىشىپ خېرىدار بولدۇق، بىز پۈتۈشكەن مال قىممىتى 20 مىليون دوللاردىن ئاشتى! يىل ئاخىرىدا يەنە بىر نەچچە چوڭ ئېكسپورت تالونى ئۈستىدە سودىلىشىشىمىز مۇمكىن، ئۇ تالونلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدە كېڭىشىش قىلىنىۋاتىدۇ. شىركەتنىڭ بۇ يىللىق ئېكسپورت ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا، خۇبېي شىرۈيدا ئېغىر تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن يىڭجيې سەل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: زاكازنىڭ ئېشىشى كۈتكىنىمىزدەك بولدى، تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ئويلىمىغان يەردىن بولدى.

  چېن يىڭجيېنىڭ قارىشىچە، كارخانىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ئۇدا كۆپ يىل «تەتقىق قىلىپ ئېچىش»تىن كەلگەن. بۇلتۇر شىرۈيدا مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان قۇرۇلۇش ماشىنلىرى ھىندىستان بازىرىغا كىردى، بۇ يىلمۇ يەنە دۆلەت ھالقىغان بىر نەچچە داڭلىق شىركەت بىلەن بەسلىشىپ، يەنە بىر قېتىم خېرىدار بولدى.بىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئېچىش يولىدا توغرا ماڭساقلا، مەھسۇلاتىمىز دۇنيا بويىچە داڭلىق بولىدۇ، دېدى چېن يىڭجيې.

  تاشقى سودا بىرىنچى سېپىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، شىرۈيداغا ئوخشاش كارخانىلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكى بايقالدى. ئۇلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى ئېكسپورت رىقابىتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت كۆلىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7 تىرىليون 10 مىليارد يۈەن، 7 تىرىليون 660 مىليارد يۈەن ۋە 8 تىرىليون 240 مىليارد يۈەن بولۇپ، پەسىل بويىچە ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ