مىسىر سۇۋەيش قانىلىدا قاتناش باشلانغانلىقىغا 150 يىل بولدى

2019.11.18 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  سۇۋەيش قانىلى مىسىر چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا سەئىد پورتىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا سۇۋەيش شەھىرىگىچە تۇتىشىدۇ، ئۇ ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ۋە قىزىل دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان، ياۋروپا - ئاسىيا - ئافرىقا ئۈچ قىتئەنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورتى بولۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ۋە ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. سۇۋەيش قانىلى 1859- يىلى فرانسىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەبلەغ سېلىپ قېزىلغان، 1869- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنى رەسمىي ئېچىلغان، ھازىرغىچە 150 يىللىق تارىخقا ئىگە. 2015- يىلى 8- ئايدا، مىسىر يېڭى سۇۋەيىش قانىلى تۈرىنى تاماملىدى. بۇ قۇرۇلۇش تۈرى 35 كىلومېتىرلىق يېڭىدىن ياسالغان دەريا يولى ۋە 37 كىلومېتىرلىق ئەسلىدىكى دەريا يولىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى سۇۋەيش قانىلىنىڭ ئېچىلىشى قانالنىڭ يۈرۈش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  سۈرەتتە: جۇڭگو يۈك پاراخوتى سۇۋەيش قانىلى ئىسمېرىيە بۆلىكىدىن ئۆتمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ