مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرسىتىلدى

2020-يىلى پۇرسەت تاللاپ يولغا قويۇش پىلانلاندى

2019.11.15 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگونىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى: جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىدىكى قونۇش ئەسۋابىنىڭ بوشلۇقتا دەل توختاش، توسالغۇدىن ساقلىنىش سىنىقى خېبېي خۇەيلەيگە جايلاشقان يەر شارى سىرتىدىكى ئاسمان جىسىملىرى ئۇنىۋېرسال سىناق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى.

  مەزكۇر سىناق قونۇش ئەسۋابىنىڭ مارستىكى ئېغىرلىق كۈچى مۇھىتى (مارسنىڭ ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى يەر شارىنىڭ تەخمىنەن 3/1گە توغرا كېلىدۇ)دىكى بوشلۇقتا دەل توختاش، توسالغۇدىن ساقلىنىش، ئاستا سۈرئەتتە تۆۋەنلەش جەريانىغا تەقلىد قىلىنىپ، ئۇنىڭ لايىھەسىنىڭ توغرىلىقى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈلدى.

  مارسنى تەكشۈرۈش نۆۋەتتە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى بولۇپ، بىخەتەر قونۇش مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىدىكى ئەڭ مۈشكۈل قىيىنچىلىقنىڭ بىرى. ئىگىلىنىشچە، جۇڭگونىڭ مارسنى تەكشۈرۈش تۇنجى ۋەزىپىسى 2020-يىلى پۇرسەت تاللاپ يولغا قويۇلۇپ، بىر قېتىم قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى ئارقىلىق مارسنى ئايلىنىش ۋە قونۇپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مارسنى يەر شارىۋى ۋە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەكشۈرۈشنى، شۇنداقلا مارسنىڭ يۈزىدىكى نۇقتىلىق رايونلارنى ئىنچىكە كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. شۇ كۈنى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئەلچىخانىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى جۇڭگو دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن نەق مەيداندا سىناقنى كۆردى ۋە ئۇلارنىڭ سىناق ئەسلىھەلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ