خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ سابىق كۆزەتكۈچىسى شۈ باۋچېڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، ھازىر خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.
شۈ باۋچېڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
شۈ باۋچېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1953-يىل 6-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لىڭباۋ ناھىيەسىدىن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1973-يىل 8-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1971-يىل 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.
1971-يىلى 1-ئايدىن، 1995-يىلى 3- ئايغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون مۇھاپىزەتچىلەر ليەنىنىڭ جەڭچىسى، خېنەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى مۇھاپىزەت باشقارمىسىنىڭ خادىمى، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ياردەمچىسى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان؛
1995-يىلى 3-ئايدىن 2001-يىلى 6-ئايغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى مۇھاپىزەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
2001-يىلى 6-ئايدىن 2005-يىلى 11-ئايغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى مۇھاپىزەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتكوم شۇجىسى بولغان؛
2005-يىلى 11-ئايدىن 2008-يىلى 5-ئايغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى مۇھاپىزەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتكوم شۇجىسى بولغان؛
2008-يىلى 5-ئايدىن 2012-يىلى 5-ئايغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى بولغان؛
2012-يىلى 5-ئايدىن 2013-يىلى 9-ئايغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، كۆزەتكۈچىسى بولغان.
(خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى