مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەرتىپ تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، تەسىرات تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ

كىچىك، مىكرو كارخانىلار باج بېرىش، ھەق تاپشۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇشتىكى سەككىز ماددىلىق يېڭى تەدبىردىن بەھرىمەن بولىدۇ

2019.11.15 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا «كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باج بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشتىكى يېڭى تەدبىرنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باج بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشتىكى سەككىز ماددىلىق يېڭى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېڭى تەدبىردە «توردا دەۋا تەلىپى ۋە پىكىرنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش يوللىرىنى بەرپا قىلىش» ۋە «باجغا چېتىشلىق قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرىدىن ئەمەلىيەتتە بىۋاسىتە ئۇلاش ئۇسۇلى ئاساسىدا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كىچىك، مىكرو كارخانىلار بىلەن توردا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي تەلىپىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە توپلاپ، دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ ۋە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەلىپى ۋە پىكرىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ھەرقايسى ئۆلكىلىك باج ئىدارىلىرى ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىگە تايىنىپ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى باجغا چېتىشلىق قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ خاتىرىلەرنى توردا سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئۆز كارخانىسىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، باجغا چېتىشلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  يېڭى تەدبىردە «كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باج بېجىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش مەھسۇلاتى تارقىتىش» ۋە «باجدا ئېتىبار بېرىش ئىشلىرى تىزىملىكى تارقىتىش»دىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر يولغا قويۇلدى، باج باش ئىدارىسى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كۈندىلىك باج بېجىرىشىگە قارىتا «كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باج بېجىرىشىدىن بىر يۈرۈش ساۋات»نى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ باجدا ئېتىبار بېرىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ ۋە ھەرىكەتچان ھالەتتە تەڭشەيدۇ، تۇنجى تۈركۈمدىكى تىزىملىك كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئالاقىدار 18 تۈردىكى 491 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ سىياسەتتىن تولۇق، ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى ئۆلكىلىك باج ئىدارىلىرى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ باجغا چېتىشلىق ئىشلار ئۇچۇرىنى «بىر قېتىمدىلا تولدۇرۇش، بىر توردا تاپشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ