مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مالىيە مىنىستىرلىقى نامراتلارنى يۆلەشتە «نامرات ناھىيەلەرنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش»تىكى مەخسۇس مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى

2019.11.15 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە «‹مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى مەخسۇس مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش جەدۋىلى›نى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى مەخسۇس مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىنى تەڭشىدى. مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى مەخسۇس مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۈنۈمنى باھالاشنىڭ مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشتىكى يېتەكچىلىك ۋە رىغبەتلەندۈرۈش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى تەڭشەش ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىكى مەزمۇنغا چېتىلىدۇ: بىرىنچىسى، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى باھالاش مەزمۇنىنى تولۇقلاپ، «نامرات ناھىيەلەرنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش» قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، جايلارنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ «قوماندانلىق تايىقى»لىق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەش؛ ئىككىنچىسى، ئارىلاپ تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ سانىنى ئۆستۈرۈپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق خىزمەت ئۈنۈمىگە بولغان باھانى تېخىمۇ ئوبيېكتىپ ۋە توغرا قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن نومۇر تارتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېغىر مەسىلىلەردە مۇنەۋۋەر دەپ باھالاشقا بولمايدىغان مېخانىزمنى ئورنىتىپ، ئۆلچەم رولىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ