مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنى شياڭگاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى دەرھال توختىتىشقا ئۈندىدى

2019.11.15 15:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 13- چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

  مۇخبىرلارنىڭ سوئال-جاۋابلىرى تۆۋەندىكىچە :

  سوئال: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى 13- چېسلا سۆز قىلىپ: كېڭەش پالاتاسىنىڭ شياڭگاڭدىكى نامايىشچىلارنى قوللاش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: جۇڭگو كۆپ قېتىم ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىشىغا قارىتا كەسكىن مەيدانىنى ئىپادىلىدى، بىزمۇ ئامېرىكىغا كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

  مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەنكى، نۆۋەتتە شياڭگاڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ھەرگىزمۇ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى توپىلاڭنى تېزدىن توختىتىش، قالايمىقانچىلىقنى تىزگىنلەش، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىشنى قوغداش مەسىلىسىدۇر. ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بۇ ئەزاسى شياڭگاڭدىكى نامايىشچىلارنىڭ ھەدەپ ئۇرۇش، چېقىش ۋە كۆيدۈرۈشتەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىنى كۆرمەسكە سېلىپ، شياڭگاڭدىكى رادىكال كۈچلەر ۋە زوراۋان ئۇنسۇرلارغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق يەل بەردى، ئۇنىڭ مەقسىتى شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ئىدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭدىمۇ مۇھىم مەنپەئەتى بار. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ئاخىرقى ھېسابتا قانۇنغا ئايلىنىپ قالسا، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكىنىڭ خاتا ئۇسۇلىغا قارىتا، جۇڭگو كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  شۇنى تەكىتلەيمەنكى، شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ شياڭگاڭى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرى، ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىز ئامېرىكىنى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، يامان يولدىن قايتىپ، شياڭگاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەلىرىنى قاراپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش دېگەندەك خاتا قىلمىشىنى دەرھال توختىشىشقا، زوراۋانلىق ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قوللاشنى دەرھال توختىشىشقا، شياڭگاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشقا ئۈندەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ