مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى «يۈجوۋدىكى قىز ئوقۇغۇچى بالىنىڭ كۆزىگە قەغەز تىقىش» ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇردى: مەكتەپ بۇنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك

2019.11.15 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خېنەن يۈجوۋدىكى يەتتە ياشلىق قىزنىڭ كۆزىگە ساۋاقدىشىنىڭ قەغەز پارچىسىنى تىقىش ئىشى كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىندى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخباراتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپتىكى بوزەك قىلىش قىلمىشىغا ئىزچىل رەۋىشتە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، مەكتەپتىكى بوزەك قىلىش قىلمىشىنى ئۈنۈملۈك تۈزەش ئۈچۈن، بۇ خىل قىلمىشلارنى مەخسۇس نازارەت قىلىۋاتىدۇ.

  بۇنداق بوزەك قىلىش ئەھۋالى مەيلى قايسى جاي ۋە قايسى مەكتەپتە كۆرۈلسۇن، ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش كېرەك. لۈ يۈگاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر تەرەپتىن، بالىنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىق تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا بولغان تەربىيىلەپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك؛ مەكتەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ جەھەتتىكى يوچۇقنى توسۇپ، مەكتەپتىكى بوزەك قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى يامان خاراكتېرلىك دېلولارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  بۈگۈن سەھەردە خېنەن ئۆلكىسى يۈجوۋ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، موجيې يېزىسى داجيەن مەكتىپىدە يۈز بەرگەن يۇقىرىقىدەك مەكتەپ ۋەقەسىگە قارىتا، يۈجوۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىلىق ۋە گۇرۇپپا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان كىشىلەردىن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ۋەقەنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ