مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۈكنى يېنىكلىتىشتە «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە» بولامدۇ؟ مائارىپ مىنىستىرلىقى: بولمايدۇ !

2019.11.15 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆگىنىشتە ئازراقمۇ بېسىم بولماسلىق، ئۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مائارىپ مىنىستىرلىقى 14- چېسلا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىگە قارىتا، يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەسىلىسىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىشتە ئاددىي ھالدا دەرسنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە، تاپشۇرۇق مىقدارىنى ئازايتىشقا، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە» بولمايدۇ، دېدى.

  لۈ يۈگاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: يۈكنى يېنىكلىتىش دېگەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى يوق قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى مۇۋاپىق ياخشىلاش دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭدا، ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئىلمىي يەڭگىللىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى ياخشىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەخلاق تەربىيىسى، تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيىسى ۋە ئەمگەك ئەمەلىيىتىنى كۈچەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ھەمدە ئوقۇتۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەر ۋە ئېلاستىكىلىققا ئىگە ھەم ئوقۇتۇشقا ياردىمى بار تاپشۇرۇقلار ئارقىلىق يېتەكلەشتەك مۇلازىمەت تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇتۇش سۈپەت ئۆلچىمىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لۈ يۈگاڭنىڭ قارىشىچە، ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش ۋە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە يەنىلا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىمىز، ھەم شۇنداقلا،بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگىمۇ ئەرزىيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بولسا، ئىمتىھاننى بەك كۈچەيتىۋېتىش، سوئالنى مېخانىكىلىق ھالدا تەييارلاش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ تەربىيەلەش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان نامۇۋاپىق ۋە زىيادە ئېغىر يۈكنى يېنىكلىتىشتىن ئىبارەت.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەكتەپلەر مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ، پەرقلىق ئوقۇتۇش ۋە ئايرىم يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەھەتتە «تويماسلىق» ياكى «ھەزىم قىلالماسلىق» ۋە ئېھتىياج ھەر خىل بولۇپ كېتىشتەك بىر قاتار مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ تەربىيەلەش ۋە ئالدىن تەربىيەلەشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «قارا-ئاق تىزىملىك» تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيادە ئېغىر بولغان دەرستىن سىرتقى يۈكلەرنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ