مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىلدى

خەلق گېزىتى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى

2019.11.14 17:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتى سىن يىغىنى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، خەلق گېزىتى، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلى ۋە نۇر گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، تارماقلار ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇشتەرى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇشتەرى بولۇش راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىشنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ خېرىدار تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تارقىتىش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، بېسىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تارقىتىش تورى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تارقىتىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ گېزىت-ژۇرنال تارقىتىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمەلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تارقىتىشنى تۈزەشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، نازارەت قىلىپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىدىن باشقىلارنى قانۇنسىز تارقىتىش ئەھۋالىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ