مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي بانكا رەددىيە بېرىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل تارقىتىلمىدى، ھەرقانداق پۇل مۇئامىلە سودا سۇپىسىدا سودىلىشىشقا رۇخسەت بېرىلمىدى، دېدى

2019.11.14 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، توردا خەلق بانكىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل تارقاتقانلىقى، قىسمەن ئاپپاراتلارنىڭ خەلق بانكىسىنىڭ نامىدا ئالاقىدار رەقەملىك مەھسۇلاتلارغا «DC/EP» ياكى «DCEP» دەپ يېزىپ، رەقەملىك مۈلۈك سودا سۇپىسىدا سودا قىلغانلىقى دېيىلگەن. خەلق بانكىسى 11- ئاينىڭ 13-كۈنى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى:

  بىرىنچى، خەلق بانكىسى ئەزەلدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل (DC/EP) تارقاتمىدى، شۇنداقلا ھەرقانداق مۈلۈك سودا سۇپىسىغا سودا قىلىش ھوقۇقى بەرمىدى. خەلق بانكىسى 2014-يىلىدىن باشلاپ قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇلنى تەتقىق قىلغان، ھازىرغىچە يەنىلا تەتقىق قىلىپ سىناش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بازاردا سودىلىشىۋاتقان «DC/EP» ياكى «DCEP»لارنىڭ ھەممىسى قانۇندا بەلگىلەنمىگەن رەقەملىك پۇل، توردا تارقالغان قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇلنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتىنىڭ ھەممىسى ناتوغرا ئۇچۇرلاردۇر.

  ئىككىنچى، ھازىر، توردا دېيىلگەن ئاتالمىش قانۇندا بېكىتىلگەن رەقەملىك پۇلنىڭ تارقىتىلىشى ۋە قىسمەن ئاپپاراتلارنىڭ خەلق بانكىسىنىڭ نامىدا «DC/EP» ياكى «DCEP»نى يولغا قويۇپ، مۈلۈك سودا سۇپىسىدا سودىلىشىش قىلمىشى ئالدامچىلىق ۋە شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىلىشى مۇمكىن، ئاممىنىڭ خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشەنمەسلىكىنى، ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى، مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى سورايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ