مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تەكشۈرۈشى: قىسمەن جايلار ۋە ئورۇنلاردا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش مەسىلىسى مەۋجۇد بولماقتا

2019.11.14 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 9-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ 6-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ 16 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئايرىم-ئايرىم 16 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)گە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. كارخانا ۋە ئامما گوۋۇيۈەننىڭ «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش» سۇپىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىنكاس قىلغان مەسىلە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ، بىر قىسىم جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇشتەك تىپىك مەسىلىلەرنى بايقىدى، بۇ تۆۋەندىكىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  بىرىنچى، سەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى فوند تاپشۇرغان ئورۇنلاردىن ئۈچىنچى تەرەپ رەقەملىك گۇۋاھنامە ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلغان.

  ئىككىنچى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرگە بەلگىلەنگەن كارخانىلاردىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوغرىدىن ساقلىنىش سىستېمىسى ۋە نومۇر تاختىسىنى مەجبۇرىي ئورناتقۇزغان ھەمدە ھەق ئالغان.

  ئۈچىنچى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئوردوس شەھىرى ئىكىنخولوچى تۇرۇبا سۈيى شىركىتى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئابونتلاردىن سۇ سائىتىنى ئالماشتۇرۇش ھەققى ئالغان.

  تۆتىنچى، ئەنخۇي ئۆلكىسى بېڭبۇ شەھەرلىك ئەمگەك كاپالەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كادىرلار ئارخىپىنى ساقلاش ھەققى ئالغان.

  بەشىنچى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا جامائەت فوندى قەرز پۇلى كاپالەت پۇلى ئالغان.

  ئالتىنچى، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرى يىشۈي ناھىيەسى توي مۇلازىمەت مەركىزى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئالغان.

  ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلار تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى پائال قوللاندى ھەمدە مەسئۇلىيەتسىزلىك، بىپەرۋالىق ۋە باشقۇرماسلىققا چېتىلىدىغان ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈردى.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى

  2019-يىل 11-ئاينىڭ 13–كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ