مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ چۇماغا گىرىپتار بولغان ئىككى ئاغرىقنى قوبۇل قىلدى ۋە مۇۋاپىق قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

2019.11.13 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى تور پونكىتى «بېيجىڭ چاۋياڭ» ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 2019-يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىلىنغول ئايمىقى سۇنىت سول خوشۇنىدىكى ئىككى كىشىگە مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆپكە چۇماسى دەپ دىياگنوز قويغان. ھازىر، ئاغرىقلار بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق ئالاقىدار داۋالاش ئاپپاراتىدا مۇۋاپىق قۇتقۇزۇلغان، ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن.

  ئۇقتۇرۇشنى «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىلىنغول ئايمىقى سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى» ۋە «بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى» بىرلىشىپ ئېلان قىلغان.

  چۇمانىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئەسكەرتىشى

  بىرىنچى، چۇما دېگەن نېمە، ئۇنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

  چۇما، چۇما يېلسىن باكتېرىيەسىدىن كېلىپ چىقىدىغان تەبىئىي يۇقۇم مەنبەلىك كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە غاجىلىغۇچى ھايۋانلار ئارىسىدا تارقىلىدۇ، بەزىدە كىشىلەر ئارىسىدىمۇ تارقىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل. بېيجىڭ چۇمانىڭ تەبىئىي يۇقۇم مەنبەسىگە كىرمەيدۇ، لېكىن چۇمانىڭ كىرىش ۋە تارقىلىش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت.

  چۇما تېز قوزغىلىدۇ، كېسەللىك جەريانى قىسقا، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى، يۇقۇملىنىشى كۈچلۈك، تارقىلىشى تېز. بولۇپمۇ سېپتىتسېمىيە خاراكتېرلىك چۇما ۋە ئۆپكە چۇماسىنى داۋالىمىسا، ئۆلۈش نىسبىتى %30تىن 100%كىچە بولىدۇ. چۇمانىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، ئادەتتە بىر كۈندىن ئالتە كۈنگىچە بولىدۇ، لېكىن ئايرىم كېسەللەرنىڭ سەككىز كۈندىن توققۇز كۈنگىچە بولىدۇ.

  ئىككىنچى، چۇمىنىڭ تارقىلىشى

  1. يۇقۇش مەنبەسى: يۇقۇملانغان ھايۋانات ۋە ئۆپكە چۇما ئاغرىقلىرى كۆپ ئۇچرايدىغان پارازىت ئىگە ھايۋانلاردىن غاجىلىغۇچى تۈردىكى ھايۋانلار ۋە ياۋا گۆشخور ھايۋانلار بار، مەسىلەن، كۈلرەڭ سۇغۇر، قىزىل سۇغۇر، ھىمالايا سۇغۇرى ۋە ئۇزۇن قۇيرۇق سېرىق چاشقان قاتارلىقلار.

  2. تارقىلىش يولى

  (1) بۈرگە چېقىش ئارقىلىق تارقىلىش ئۇسۇلى چاشقان- بۈرگە- ئادەم، يەنى بۈرگە ئاغرىق چاشقاننى چاققاندىن كېيىن ئادەمنى چېقىش ياكى يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان سۇغۇر تېرىسىنى سويۇش ياكى يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان باشقا ھايۋانلارنى يېيىش ئارقىلىق يۇقۇدۇ، بۇ خىل تارقىلىش ئۇسۇلى دائىم بەز چۇماسى ياكى سېپتىتسېمىيە تىپىدىكى چۇمانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  (2) ئادەم- ئادەملەر ئارقىلىق تارقىلىش ئۇسۇلى، يەنى ساغلام كىشى ئۆپكە چۇماسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىق بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلدا يۇقۇملىنىش ئاساسلىقى ئۆپكە چۇماسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  3. ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپى: ئادەملەر چۇما بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. يۇقۇملىنىش رايونىدا دالىدا خىزمەت قىلىدىغان ئادەم ياكى سۇغۇر ئوۋلايدىغان، سويۇپ يەيدىغان ئوۋچى، چارۋىچىلارنىڭ يۇقۇملانغان ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇپ، يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ