مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق سۆزلىرى ئۇلارنىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە يامان غەرىزىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى، دېدى

2019.11.13 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 12-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن نىقابلانغۇچىلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش ۋەقەسىدە، ساقچىلار پۈتۈنلەي قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىدە ئۇلارنىڭ ھەق- ناھەقنى ئايرىمايدىغان ساختا قىياپىتى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى، ئۇلارنىڭ ئاغزاكى ئادىللىقىمۇ ئۇلارنىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە يامان غەرىزىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 11- نويابىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئىسمىنى ئاكارىلىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: ئامېرىكا تەرەپ شياڭگاڭدىكى ئەڭ يېڭى زوراۋانلىق ۋەقەسىدىكى ئەجەللىك قورال كۈچىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدۇ، شياڭگاڭ ساقچىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ زوراۋانلىق توقۇنۇشىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش مەسئۇلىيىتى بار، دېگەن. ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ تىنچ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى، شياڭگاڭ دائىرىلىرىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ: 11-نويابىر شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن نىقابلانغۇچىلارنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش ۋەقەسىگە قارىتا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى بىلەن شياڭگاڭ ساقچىلىرى ئىنكاس قايتۇردى، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى، كۆپچىلىك ۋىدىيو ئارقىلىق ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، زوراۋانلار ئالدى بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى، ساقچىلار پۈتۈنلەي قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ، كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. مەيلى دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتە بولسۇن ساقچىنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىش، قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ، شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.

  گېڭ شۇاڭ: «مەن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىدىن سوراپ باقاي، بۇنداق ۋەقە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدە يۈز بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ساقچىلىرى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟» دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئوخشاشلا 11-چېسلا شياڭگاڭدا يەنە قارشى پىكىرنى ئاشكارا ئىپادىلىگەن بىر ئاددىي پۇقراغا زوراۋانلار ئوت يېقىش ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇ خىل كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان قىلمىش كەڭ شياڭگاڭ ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلدى. ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ھەقىقەتەن ئۇلار ئېيتقاندەك زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، سوغۇققان بولۇشقا مۇراجىئەت قىلسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئادەتتىكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىمەيدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ: «يۇقىرىقى بايانلارنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىمزاسىنى قويمىغان، بەلكىم ئۆزىمۇ ئىمزاسى بىلەن بۇنداق سۆزلەرنى ئېلان قىلىشتىن خىجىل بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ئاتالمىش ئادىل، ھەققانىي بولۇۋېلىشى ئۇلارنىڭ ھەق-ناھەقنى ئايرىماسلىقى ۋە ساختا ئەپت-بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى، ئۇلارنىڭ ئاغزاكى ئادىللىقىمۇ ئۇلارنىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە يامان غەرىزىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى»، دېدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توپىلاڭنى توختىتىش، قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش − نۆۋەتتىكى شياڭگاڭنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ ئەڭ كەڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئەڭ كۈچلۈك ساداسى. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ، شياڭگاڭ ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغدىشى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ھەرقانداق چەت ئەل ھۆكۈمىتى، تەشكىلاتى ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. «بىز ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، شياڭگاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە سۆز-ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ھەرقانداق شەكىل بىلەن قول تىقىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ