مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، سۈن جۇڭشەن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 153 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2019.11.13 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ جۇڭشەن باغچىسىدىكى جۇڭشەن زالىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ مىللىي قەھرىمان، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر، جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ پېشۋاسى سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 153 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

  سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك جۇڭشەن زالىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما بياۋ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىغا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ زوئەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ھەيكىلىگە گۈل قويدى. خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەر ساھە زاتلىرى سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئۈچ قېتىم تازىم قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى بىن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، خې لۇلى، جوۋ تيېنۇڭلار خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خاتىرىلەش مۇراسىمىغا يەنە نيۇ چىڭشەن، جى لىن، چۈ فېڭخۇڭ، لۈ سەيشيا، جۇ پېيكاڭ، ليۇ جياچياڭ، لى خۇيدۇڭ، جاڭ شياۋليەن، خاڭ يۈەنشياڭ، جوۋ شىنجيەن، لىڭ جېنگو، گاۋ يوۋدۇڭ، فۇ خۇيمىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ