مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى يۈننەن ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىنىپ «چېگرا تازىلاش 2020» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.11.13 16:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى زەھەر چەكلەش ئىدارىسى ئورگان تەرەپ مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» رايونىدىكى زەھەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسۇش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى 12-نويابىر يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ پۇئېر شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى ليۇ يۆجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، مىنىستىر جاۋ كېجىنىڭ تەلىپى ۋە ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، زەھەرنىڭ چېگرا ئىچىگە ئېقىپ كىرىشىنى ئەڭ زور چەكتە توسۇپ، «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك»تىكى زەھەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئېلىمىزنىڭ زەھەر ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  ليۇ يۆجىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى «چېگرا تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە «قىزىل، كۆك قارشىلىشىش» زەھەر تەكشۈرۈش ماھارىتى مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، زەھەر تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، مەنبەدىن توسۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» − ئېلىمىزگە بولغان زىيىنى ئەڭ چوڭ زەھەر مەنبەسى، مەنبەنى توسۇشنى كۈچەيتىش − جۇڭگوچە زەھەر چەكلەش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. «ئاساسلىق زەھەر مەنبەسى سىرتتا بولۇش، زەھەر كۆپ تەرەپتىن چېگرادىن كىرىش»نىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زەھەر ئەھۋالى ۋەزىيىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك»تىكى زەھەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسۇشنى دۆلىتىمىزنىڭ زەھەر چەكلەشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، مەنبەدىن توسۇش خىزمىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك»تىكى زەھەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسۇشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك»تىكى زەھەرنىڭ چېگرا ئىچىگە كىرىشىنى توسۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش-تۇتۇش، تولۇق ئامىللىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، تولۇق زەنجىرلىك زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، پوچتىنى قاپلىغان ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاخبارات ئارقىلىق تەكشۈرۈش، رايونلار ھەمكارلىشىش، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن توسۇش خىزمىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» رايونىدىكى زەھەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە توسۇپ، ئېلىمىزنىڭ زەھەر ۋەزىيىتىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ