مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تۇغۇلغان كۈننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبرىكلەش مۇراسىمى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم قويۇلدى

2019.11.13 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى سىرتقا كېڭەيتىش ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ۋۇجوۋ تارقىتىش مەركىزى ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيە قانىلى ۋە ئەنگىلىيە مېرىدىئان شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپ ۋۇجۇتقا چىقارغان «تۇغۇلغان كۈننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبرىكلەش مۇراسىمى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 12- نويابىر بېيجىڭدا دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم قويۇلۇپ، ئۇنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فىلىم 13- نويابىردىن باشلاپ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىملەر قانىلىدا، ھەمدە دۆلەت جۇغراپىيە قانىلى ۋە نۇرغۇن تېلېۋىزىيە سۇپىلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ ھەم شۇنداقلا" ئۆگىنىشتە كۈچلۈك دۆلەت" سۇپىسى ۋە يوۋكۇ، تېڭشۈن، ئەيچىيى، بىلىبىلى، كۇەيشوۋ، ھىمالايا FM قاتارلىق سۇپىلاردا ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىدۇ.

  «تۇغۇلغان كۈننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبرىكلەش مۇراسىمى» يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىق بويىچە بىرلىشىپ سۈرەتكە ئېلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنىڭ كىشىلەرنى ھاياجانغا سېلىۋاتقان پەيتلىرىدە، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خەلقئارا نۇقتىدىن ئەسلەپ ئۆتۈش ۋە يېڭى دەۋرنىڭ جۇشقۇن كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن بىر فىلىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ پروگرامما كىشىلەرنى بىر تەرەپتىن ھەممە بىر نىيەتتە چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىغا نەزەر سالغۇزۇش، يەنە بىرتەرەپتىن ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىغا نەزەر سالغۇزۇش مەقسىتىدە ھازىرلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى دەۋر كارتىنىسى تەسۋىرلەنگەن.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ، «تۇغۇلغان كۈننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبرىكلەش مۇراسىمى» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم قويۇش پىلانىنى باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ