مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات جامائەت پىكرى كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى

جۇڭگونىڭ "خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات مۇكاپاتى" تۈرىنىڭ 29-نۆۋەتلىك مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

2019.11.13 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 12- نويابىر بېيجىڭدا خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات جامائەت پىكرى كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ 2019- يىللىق كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئورگانلىرىدىن كەلگەن ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مەسئۇللىرى مەزكۇر كۇرسقا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى بولسا، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تەشۋىقاتى ۋە ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ تەشۋىقات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ بۇرچ ـ ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  تەربىيەلەش مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان خادىملار پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئۆگىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى توغرىسىدىكى تەشۋىقات- خەۋىرىنى كۈچەيتىش، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق مەخسۇس تېمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى .

  جۇڭگونىڭ "خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات مۇكاپاتى" تۈرىنىڭ 29-نۆۋەتلىك مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى، گېزىتلەر، ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى، رادىئو ئىستانسىلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى گېزىت-ژۇرناللىرى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن يوللانغان ئەسەرلەردىن 265 ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاھىدە مۇكاپاتتىن تۆتى، 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 55ى، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 89ى، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 117سى باھالىنىپ بېكىتىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى 12- نويابىر بېيجىڭدا باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ