مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈش دېلوسىدىكى 14 مىڭ 203 ئادەمنى ئەرز قىلدى، ئادەم سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.7 ئاشتى

2019.11.12 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-نويابىر ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2019- يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان 10 مىڭ 377 دېلودىكى جاۋابكارلارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشقان؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان 14 مىڭ 203 دېلونى ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.7 ئاشقان.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى باراۋەر قوغدىدى. مۇشتۇمزورلۇققا، رەزىللىككە چېتىشلىق دېلولارنى بېجىرىش داۋامىدا، تەپتىش ئورگانلىرى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشى بىلەن كارخانىلارنىڭ تىجارىتىدىن پايدىلىنىپ تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى نىقابلاشنىڭ چېكىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جايلارنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتا «ھەممىنى قوغداش»تىن قەتئىي ساقلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، تەپتىش ئورگانلىرى قانۇنسىز يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشكە چېتىشلىق 16 مىڭ 422 كىشىنى ئەيىبلىگەن، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %344.1 ئاشقان؛ بازار زومىگەرلىكىگە چېتىشلىق 9987 كىشىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %243.8 ئاشقان؛ قۇرۇلۇشنى مەجبۇرىي ھۆددىگە ئېلىشقا چېتىشلىق 7255 ئادەمنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %283.5 ئاشقان؛ خەلق ئارىسىدىكى ماجىراغا قول تىقىشقا چېتىشلىق 5797 كىشىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %199.1 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ