مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە نامرات رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى %8 ئاشتى

2019.11.12 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 11-نويابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، نامرات رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 8163 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئاشقان، باھا ئامىلىنىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %8 ئاشقان بولۇپ، ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزىلارنىڭكىدىن %1.6 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

  كىرىم مەنبەسىدىن قارىغاندا، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى 3159 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن نامدا %12.2 ئاشقان؛ ئوتتۇرىچە تىجارەت ساپ كىرىمى 2308 يۈەنگە يېتىپ %6.8 ئاشقان؛ كىشى بېشى يۆتكىمە ساپ كىرىمى 2569 يۈەنگە يېتىپ، %12.7 ئاشقان؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مال-مۈلۈك ساپ كىرىمى %10.1 ئاشقان.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئائىلە تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ باش ئىستاتىستىكىچىسى ۋۇ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2019-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ھالقىلىق بىر يىل. جايلار، تارماقلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەرق- غەرب ھەمكارلىقى ۋە مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ