مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي كومىتېتنىڭ تاشقى ئالاقە بۆلۈمى گۇاڭجوۋدا ۋەنشوۋ دەرسخانىسى ئېچىپ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

2019.11.12 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئالاقە بۆلۈمى 10- چېسلا گۇاڭجوۋدا ۋەنشوۋ دەرسخانىسى ئېچىپ، جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان چەت ئەل سىياسىي پارتىيەلىرى، ئاقىللار ئامبىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى، گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا ۋە چەت ئەللىك ئالىملار ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى ۋە تەڭ بەھرىمەن بولدى.

  بۇ قېتىمقى ۋەنشوۋ دەرسخانىسىنىڭ باش تېمىسى «تۈزەش تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش»تىن ئىبارەت. زىيارەتكە كەلگەن روسىيە، تۈركىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، كېنىيە، ئېفىئوپىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، يېڭى زېلاندىيە، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى قاتارلىق 28 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ۋە 21 دۆلەتنىڭ گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرى ھەمدە گۇاڭدۇڭدىكى چەتئەللىك ئالىم ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق 500دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى يىغىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. يىغىننى گۇاڭدۇڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈستىگە ئالغان، گۇاڭدۇڭ خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات يۇرتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ