خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدەبولۇش ھارپىسىدا، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن «شى جىنپىڭ ياخشى كۆرىدىغان ھېكمەتلەر» ناملىق مەخسۇس فىلىم گرېكچە نۇسخىسى 8- چېسلادىن باشلاپ گىرېتسىيەدە تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان سودا تاراتقۇ گۇرۇھى «ئاسمان تاراتقۇ» گۇرۇھى قارمىقىدىكى تور بېكىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ھېسابات نومۇرىدا كۆرسىتىلدى.
«شى جىنپىڭ ياخشى كۆرىدىغان ھېكمەتلەر»دە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى، ماقالىلىرى ۋە سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە تارىخىي ھېكايىلەر تاللىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەقىل-پاراسىتى جانلىق نامايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ