مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز مالىيەسى مۇددەتتىن بۇرۇن كۆپ تۈرلۈك يۆتكىمە چىقىمدىن 84 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، مىللىي رايونلارغا ياردەم بەردى

2019.11.08 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خامچوتنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئۆستۈرۈپ، چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى يېقىندا 2020– يىللىق مىللىي رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىمى، چېگرا رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىمى، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىمى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى چېگرا رايونلىرىنىڭ يۆتكىمە چىقىمى ۋە خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش ياردەم مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاجرىتىپ بەردى.

  بۇ قېتىم 2020–يىللىق مىللىي رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىمىگە 84 مىليارد 700 مىليون يۈەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئاجرىتىپ بېرىلدى. مالىيە مىنىستىرلىقى جايلاردىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمىسى ۋە مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى مالىيە كۈچىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مالىيە قىيىنچىلىقى بار جايلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ تۈرلۈك يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى نۇقتىلىق ھالدا مەجبۇرىيەت مائارىپى، داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت چىقىمىنىڭ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى پائال ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ قېتىم 2020–يىللىق چېگرا رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىمىگە 18 مىليارد 427 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە 2020–يىللىق چېگرا رايون يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىدىن 283 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ بېرىلدى. ئىگىلىنىشچە، چېگرا رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىم مەبلىغى ئاساسلىقى چېگرا رايونلارنىڭ قۇرۇقلۇق چېگراسى ۋە دېڭىز -ئوكيان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، چېگرا رايوندىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، چېگرا سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

  بۇ قېتىم 2020–يىللىق كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىگە ياردەم بېرىشكە 15 مىليارد 74 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ بېرىلدى. بۇ مەبلەغ كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ مەخسۇس خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، مالىيەسى نىسبەتەن قىيىن بولغان كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، رايونسىز شەھەر، شەھەر تەۋەلىكىدىكى رايونلارغا مايىللىشىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مەركەز مالىيەسى يەنە خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش ياردەم مەبلىغىدىن 8 مىليارد يۈەننى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاجرىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ