مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىككى تارماق 418 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، يەتتە ئۆلكىنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇشىغا ئىشلەتتى

2019.11.08 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 11–ئاينىڭ 7–كۈنى سەنشى، ئەنخۇي، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ قاتارلىق يەتتە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)گە مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 418 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىگە 250 مىليون يۈەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە 168 مىليون يۈەن ئىشلەتتى.

  7–ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان، خۇبېينىڭ شەرقىي قىسمى، خۇنەننىڭ ئوتتۇرا قىسمى، جياڭشىنىڭ كۆپ قىسمى، ئەنخۇينىڭ جەنۇبىي قىسمى، فۇجيەننىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ھۆل–يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %50تىن %90كىچە ئازلاپ، تېمپېراتۇرا بىر سېلسىيە گىرادۇستىن ئۈچ سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولۇپ، قۇرغاقچىلىق تېز تەرەققىي قىلدى. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىلگىرى–كېيىن سەككىز خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ، جايلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ياردەم بەردى. دۆلەت ئاپەتنى كېمەيتىش كومىتېتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خۇبېي، سەنشى، ئەنخۇي، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ ئالدى-كەينىدە دۆلەتنىڭ 4- دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى يولغا قويۇشىغا قارىتا، پەۋقۇلئاددە قۇرغاقچىلىق، ئېغىر قۇرغاقچىلىق رايونلىرىدا 400دىن ئارتۇق «قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش» كىچىك شۆبە ئەترىتى قۇرۇلۇپ، ئاساسىي تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ