مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ما جۇڭيۈ تەكشۈرۈلدى

2019.11.08 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ما جۇڭيۈ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ھازىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.

  ما جۇڭيۈنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ما جۇڭيۈ، ئەر، خۇيزۇ، 1963-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇڭشىن ناھىيەسىدىن، دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1988-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1984-يىلى 7- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ كادىرى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك تەبىئىي بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى رايونلارغا ئايرىش تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو خەلق داشۆسى مۇھىت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى بولغان، 2004-يىلى 5-ئايدا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، 2012- يىلى 3-ئايدا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى بولغان، 2014-يىلى 8-ئايدا دۆلەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مەھكىمە دەرىجىلىك)، 2017- يىلى 4-ئايدا دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  (مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تور
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ