مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەن شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى بېي بىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2019.11.08 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 6-نويابىر چىقارغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چىڭيۈەن شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى بېي بىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بېي بىڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئادا قىلمىغان، پارتىيەگە سادىق بولمىغان، سەمىمىي بولمىغان، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئارامخانىغا كىرىپ، يۇقىرى ئىستىماللىق مېھمان قىلىشنى قوبۇل قىلغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا قارىماي، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلارنى بەلگىلىمە بويىچە ئەينەن دوكلات قىلمىغان، كادىرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆستۈرگەن ۋە تەڭشەشكە ئارىلاشقان؛ پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان دەم ئېلىش ساياھىتىنى قوبۇل قىلغان؛ تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ، ئەخلاقتا بۇزۇلغان، ھوقۇق ۋە شەھۋەتپەرەسلىك، پۇل سودىسى بىلەن كەڭ شۇغۇللانغان؛ ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان تۇرۇقلۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، مۇشتۇمزورلارنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولغان؛ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقان، ھەدەپ بايلىق توپلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارغا سودا-تۇرالغۇ يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش، يەر ئېلىش، چېقىش- كۆچۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، يەر تۈرىنىڭ سىغىم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپە، ئىش ئورنىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، قانۇنسىز زور سوممىلىق مال-مۈلۈكلەرنى قۇبۇل قىلغان.

  بېي بىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قول ئۈزمىگەن، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، بېي بىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ چىڭيۈەن شەھەرلىك 7-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلدى؛ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە شىكايەت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق پۇل-ماللار دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ