مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج خ مىنىستىرلىقى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارىدىن 759 كىشىنىڭ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى

2019.11.08 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت چېگرا ھالقىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، موڭغۇلىيەنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق بىر تۈركۈم جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارلىرىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 759 كىشىنى ئېلىمىزگە قايتۇرۇپ كەلگەن. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 12 ئەتراپىدا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى ۋە قوماندانلىقىدا، ئىچكى موڭغۇل، جياڭسۇ ئىككى جايدىكى ج خ ئورگانلىرى يۇقىرىقى جىنايەت گۇماندارلىرىنى پويىز ئارقىلىق جياڭسۇ نەنجىڭغا يالاپ ئېلىپ باردى. بۇ، بۇ يىلدىن بۇيان ج خ ئورگانلىرىمىز خەلقئارا ساقچى ئىشلىرى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىقى بولۇپ، بۇنداق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى كۈچلۈك چۆچۈتتى.

  بۇ يىل 9-ئايدىن بۇيان، بىر قىسىم تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت شايكىلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى خادىملارنى قۇبۇل قىلىپ ۋە باشلاپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتۇر شەھىرىگە بېرىپ، مېھمانساراي ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ، ئېلىمىز پۇقرالىرىغا ئالدامچىلىق قىلغان، ئالدامچىلىق ئۇسۇلى توردا دوست تۇتۇش، مەبلەغ سېلىشقا ئازدۇرۇش، قىمار ئويناش ئالدامچىلىقى ۋە پاي چېكى تەۋسىيە قىلىش ئالدامچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 10- ئاينىڭ 29-كۈنى، موڭغۇلىيەنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بۇ يىل 5-ئايدا جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ھالقىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، ئۇلانباتۇردىكى تۆت مېھمانسارايدا تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارىدىن 790 كىشىنى قولغا چۈشۈرۈپ، 1000غا يېقىن كومپيۇتېر ۋە نەچچە مىڭ يان تېلېفون قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى قولغا چۈشۈردى. ج خ مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، دېلو بېجىرىش ۋە جىنايەت گۇماندارىنى قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  11-ئاينىڭ 2-كۈنى، موڭغۇلىيە كۆچمەنلەر تارمىقى موڭغۇلىيەنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئاساسەن، پويىز ئارقىلىق بۇنىڭ ئىچىدىكى 759 جىنايەت گۇماندارىنى دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇۋەتتى. 3- نويابىر، ج خ مىنىستىرلىقى ئىچكى موڭغۇل ۋە جياڭسۇ ئىككى جايدىكى ج خ ئورگانلىرىنى ئىچكى موڭغۇل ئېرليەنخوت پورتىدا يۇقىرىقى جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلىشقا تەشكىللىدى. بارلىق دېلو پاكىتلىرىنى ئېنىقلاش، جىنايەت گۇماندارلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جياڭسۇ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى بۇ دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشقا بەلگىلىدى. 7-نويابىر، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قوماندانلىقىدا ئىچكى موڭغۇل، جياڭسۇ ئىككى جايدىكى ج خ ئورگانلىرى پويىز ئارقىلىق 759 جىنايەت گۇماندارىنى نەنجىڭغا يالاپ ئېلىپ باردى. ھازىر دېلونى تەكشۈرۈش ۋە تەھقىقلەش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ