مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە ئورمان، ئوت-چۆپ ساھەسىدە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 1316سى قۇرۇپ چىقىلدى

2019.11.08 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 6-كۈنى گۇيجۇ لىبودا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئورمان، ئوت- چۆپ ساھەسىدە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئورمان، ئوت-چۆپ ساھەسىدە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى سىجىل ئىشلىنىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 1316سى، ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە لىنىيەسىدىن 247 سى قۇرۇلغان، 7000 قارار تېخنىكا كۇرسى ئېچىلىپ، تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئورمانچىلىقتىن 800 مىڭ ئادەم (قېتىم) تەربىيەلەنگەن، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 784 ى يولغا قويۇلغان بولۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىنغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئورمان، ئوت-چۆپ ساھەسىدە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، نۆۋەتتە نەتىجىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى %55 كە، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى %53 كە يەتتى. پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، دۆلەتنىڭ ئورمان، ئوت-چۆپ ساھەسىدە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرى ئامبىرىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. سۈپەتلىك دەل-دەرەخ سورتى قاتارلىق 14 ساھەدە 9300 دىن ئارتۇق تۈرلۈك كېڭەيتىش نەتىجىسى توپلاندى، 2019- يىلى سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە ئوتلاق پەن-تېخنىكا ساھەسىدە 228 تۈرلۈك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ