جۇڭگو مېيىپ سەنئەتكارلار ئۆمىكى سان پاۋلودا ئويۇن كۆرسەتتى

2019.11.08 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- نويابىر كەچتە، جۇڭگو مېيىپ سەنئەتكارلار ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى برازىلىيەنىڭ سان پاۋلودا ئۇسسۇل ئويناپ ئويۇن كۆرسەتتى. جۇڭگو مېيىپ سەنئەتكارلار ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن «مېنىڭ ئارزۇيۇم» ناملىق مۇزىكىلىق شېئىر دېكلىماتسىيە ئويۇنلىرى 11- ئاينىڭ 6- ۋە 7- كۈنلىرى بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلودا قۇيۇلدى. ئۇلار ئورۇنلىغان «مېنىڭ ئارزۇيۇم» دېگەن نومۇردا، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن دەۋر پۇرىقى بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەمدە مېيىپ سەنئەتكارلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتى ۋە سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇ نومۇرلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ