مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت 1-كومىتېتى ئۈچ تۈرلۈك تاشقى بوشلۇق ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى

2019.11.07 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 74-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 1-كومىتېتى (ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك كومىتېتى) 5-نويابىر رۇسىيە تەييارلىغان ئۈچ تۈرلۈك تاشقى بوشلۇق ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى.

  شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 74-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنى 1-كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەر بېلەت تاشلاپ «تاشقى بوشلۇق ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىدىن يەنىمۇ ساقلىنىشتىكى ئەمەلىي تەدبىرلەر»، «تاشقى بوشلۇققا ئالدى بىلەن قورال ئورۇنلاشتۇرماسلىق» ۋە «تاشقى بوشلۇقنىڭ سۈزۈكلۈكى ۋە ئىشىنىش تەدبىرى ئورنىتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك قارارنى ماقۇللىدى.

  «تاشقى بوشلۇق ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىدىن يەنىمۇ ساقلىنىشتىكى ئەمەلىي تەدبىرلەر» خەلقئارا جەمئىيەتنى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق تىرىشىپ، تاشقى ئالەم بوشلۇقى توقۇنۇشىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلدى.

  ب د ت يىغىنىنىڭ بىرىنچى كومىتېتى ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش، تىنچلىققا تەھدىت سېلىش قاتارلىق خەلقئارا خەۋپسىزلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل ھەمدە خەلقئارا خەۋپسىزلىك تۈزۈمىدىكى خىرىسقا تاقابىل تۇرىدۇ. بىرىنچى كومىتېت «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرى ھوقۇق بەرگەن دائىرە ئىچىدە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى ئازايتىش ئارقىلىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ