مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ سوم بېلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىستېمىسى بىلەن تەڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى

2019.11.07 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئامېرىكا «فېدېراتسىيە خاتىرىسى»دە جۇڭگونىڭ سوم بېلىقىنى ئامېرىكىغا كىرگۈزۈشنىڭ ئاخىرقى قائىدىسى ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ سوم بېلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىستېمىسى بىلەن تەڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. جۇڭگو پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئامېرىكىغا سوم بېلىقىنى داۋاملىق ئېكسپورت قىلىش سالاھىيىتى بولغان ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان سوم بېلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ھۆججەت تەكشۈرۈشى ۋە نەق مەيداندا تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

  2015- يىلى 12- ئايدا، ئامېرىكا «سوم بېلىق تۈرى ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي تەكشۈرۈش نىزامى»نى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا، ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان سوم بېلىقىنى تەڭ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك، بولمىسا ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن ئىدى. بۇ نىزام ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، جۇڭگو تاموژنىسى ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىلەن كۆپ قېتىم كېڭەشتى ھەمدە ئامېرىكىنى ھۆججەت تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى بىلەن ئۈچ قېتىم تەمىنلىدى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈشىنى كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قانۇن-نىزام مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، نامۇۋاپىق باھالاش تۈرلىرىنى ئازايتىپ، سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بەردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ قانۇن-نىزاملاردىكى تەلەپلىرى بويىچە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆزىنى تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئامېرىكا بولسا، ئېلىمىزنىڭ سوم بېلىقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرىنچى چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوم بېلىقى ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا تەرەپ بۇ قېتىم دۆلىتىمىزنىڭ سوم بېلىقى مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئۇلارنىڭكى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكىغا سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش سودىسىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ