خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- يىغىنى 6- چېسلا چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ قاتناشتى.مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئادەتتىكى ئەزالىرىدىن فېڭ گۇڭ، جاڭ داۋخۇڭ، گاۋ فېڭ، تاۋ كەييۈەن، چۈ فېڭخۇڭ، جياڭ زوجۈن، جاڭ تاۋلىن، جېڭ جيەنمىن، لى چاڭجىن، جېن جېن، شۈ شياۋ، گې خۇيجۈن، جاڭ چاڭئېر، ۋاڭ رۇڭ، يۈ گوچۈن ۋە چى جيەنگو قاتارلىق 16 ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى.
كۆپچىلىك سۆزىدە بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى تامامەن قوللايمىز ۋە قەتئىي ھىمايە قىلىمىز. ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنى بولسا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا ۋە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا ئېچىلغان ھەمدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن ھېسابلىنىدۇ. شۇ ئومۇمىي يىغىندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتەك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە زور مەسىلە مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ