مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رايون ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن قائىدە سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك

__ سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى RCEP سۆھبىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2019.11.07 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (RCEP) دىكى 15 ئەزا دۆلەت سۆھبەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتۇردى، ئاممىۋى پىكىر بۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بەردى. 11-ئاينىڭ 6- كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى گوۋۇيۈەن سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە خەلقئارا سودا سۆھبىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ شۇۋۋېننى RCEP سۆھبىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  RCEP سۆھبىتىنى 2012-يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەت باشلىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە، جۇڭگو، ھىندىستان، ياپونىيە، كورېيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسىسى بىلەن ئىمزالىغان «1+10» ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا زامانىۋى، ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار يېڭى چوڭ تىپتىكى ئەركىن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. سۆھبەت 2013-يىلى باشلىنىپ، ھازىرغىچە يەتتە يىلنى بېسىپ ئۆتتى، بۇ يەتتە يىلدا ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ قېتىم رەھبەرلەر يىغىنى، 19 قېتىم مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلىپ، 28 نۆۋەت رەسمىي سۆھبەتلەشتى.

  ۋاڭ شۇۋۋېن: «بۇ قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنى 15 ئەزا دۆلەتنىڭ سۆھبەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئەزا قۇرۇلمىسى ئەڭ كۆپ مەنبەلىك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشتا مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنغانلىقىنىڭ بەلگىسى»، دېدى.

  2018-يىللىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، RCEPدىكى 15 ئەزا دۆلەتنىڭ نوپۇسى 2 مىليارد 200 مىليونغا، GDPسى 29 تىرىليون دوللارغا، ئېكسپورت سوممىسى 5 تىرىليون 600 مىليارد دوللارغا يېتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش ئېقىم مىقدارى 370 مىليارد دوللار بولغان، بۇ كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %30 ئەتراپىنى ئىگىلىگەن، بەزىلىرى %30تىن بىر ئاز ئاز، بەزىلىرى %30تىن بىر ئاز كۆپ بولغان. «شۇڭا RCEP 15 قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئايلانغۇسى»، دېدى ۋاڭ شۇۋۋېن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ