مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىزدە 6- ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى

2019.11.07 15:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 6- ئەۋلاد (6G) كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى يەنە تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى، ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يىغىندا ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى بېيجىڭدا 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتىنى باشلاش يىغىنىنى ئاچقان. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ شى يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

  يىغىندا دۆلەت 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئومۇمىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى بولسا، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت-گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش؛ ئومۇمىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورنى ۋە كارخانىلاردىن كەلگەن جەمئىي 37 مۇتەخەسسىستىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاساسلىقى6G تېخنىكىسى تەتقىقات ئورۇنلاشتۇرمىسى تەكلىپى ۋە تېخنىكا دەلىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ جەھەتتە زور تەدبىر بەلگىلەشنى مەسلىھەت ۋە تەكلىپ پىكىرلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. يىغىندا، ئومۇمىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنىڭ ۋەزىيىتى، كەلگۈسى تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە تەكلىپىنى تونۇشتۇردى؛ TD كەسپى ئىتتىپاقى ۋە كەلگۈسى كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇنبىرى ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى، كەلگۈسى 6G ئەركىن تەسەۋۋۇر ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىلانى توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى تونۇشتۇردى. 6G تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئومۇمىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ 6G تېخنىكا تەتقىقات خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ