مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يەنە 42 تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

بۇ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

2019.11.07 14:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كىنىشكىنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى قولايلىق دەرىجىسى ۋە رازىمەنلىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئامما رازى بولىدىغان ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى قىسمەن قائىدە ھۆججەتلىرىدە بېكىتىلگەن ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» (ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ [2019] 115-نومۇرلۇق) نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 83 ئىسپات ماتېرىيالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاساسىدا، يەنە 42 تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىيالىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قائىدىدە بېكىتىلگەن 15 تۈر، قېلىپلاشتۇرۇش ھۆججەتلىرىدە بېكىتىلگەن 27 تۈر بار.

  بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىسپات ماتېرىياللىرى ئاساسلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى، كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. بۇ ئاساسلىقى بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، توردا تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولسا، مەسىلەن، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئىجازىتىنى بېجىرگەندە، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئوقۇش تارىخى ئىسپاتىنى قايتا تاپشۇرماسلىق؛ ئىككىنچى، تارماقلار ئارا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىرى، مەسىلەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە تىجارەت كىنىشكىسى، تەشكىلىي ئاپپارات بىر تۇتاش كود گۇۋاھنامىسىنى قايتا تاپشۇرماسلىق؛ ئۈچىنچى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئاپپاراتلار ئۆزئارا تەمىنلەيدىغان ئىسپات ماتېرىياللىرى ئىچكى ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، مەسىلەن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىشتا يارىلىنىش قارارنامىسىنى قايتا تاپشۇرمايدۇ؛ تۆتىنچى، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش تۈزۈمىنىڭ سەپلىمە ئىسپاتى بېرىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك، مەسىلەن، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپاتى، ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ھايات ۋاقتىدا ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشكە تايىنىش ئىسپاتى، بىۋاسىتە تۇغقانلار مۇناسىۋىتى ئىسپاتى، ئۆلۈم ئىسپاتى، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىش ئىسپاتى قاتارلىقلار؛ بەشىنچى، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يەنە تەمىنلەش ھاجەتسىز بولسا، مەسىلەن، تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى قايتا تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ئەسلىي نۇسخىسى ئۆزلۈكىدىن كۈچتىن قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ