مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى

(2019–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2019.11.06 15:39 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4–ئومۇمىي يىغىنى نۇقتىلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قارار چىقاردى.

  بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپى

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پارتىيە ۋە خەلق ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بارلىق خىزمەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ھەم ئۇنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشىدۇر.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى ھەم دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ھەربىي ئىشلار، تاشقى ئىشلار قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلقنىڭ بەختى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ