مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى يۈكنى ئىلمىي يېنىكلىتىشتە ئاشۇرۇش بىلەن ئازايتىشنى بىرلەشتۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى

2019.11.06 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى تېما جەمئىيەتتە يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ ۋېييۆ 5-نويابىر ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇۋاپىق دەرس يۈكى زۆرۈر، ئۆگىنىشتە يۈك بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. يۈكنى ئىلمىي ئازايتىشتا بەزىلىرىنى كۆپەيتىش، بەزىلىرىنى ئازايتىش، نامۇۋاپىق يۈكنى ئازايتىش، تەنتەربىيە، ئېستېتىك تەربىيەسى، ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يۈ ۋېييۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر يۈكنى يېنىكلىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلەش لازىم.

  ئۇ مۇنداق دېدى، نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپى خەلقئارادا بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، PISA (خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش تۈرى) سىنىقىدا، جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىكى يۈكى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر ئىچىدە ئوتتۇرا ھال سەۋىيەدە تۇرماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس لايىھەسى، دەرس ئۆلچىمىدە ئوقۇغۇچىلار تۈگىتىشكە تېگىشلىك دەرس مەزمۇنلىرى ئىلمىي تەسىس قىلىندى، يۈكنى يېنىكلىتىش ھەرگىزمۇ دەرس ئۆلچىمى ۋە ئوقۇش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىش ئەمەس.

  يۈ ۋېييۆ مۇنداق دەپ قارىدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زىيادە يۈكىنى يەڭگىللىتىشتە ئاددىي ھالدا مەكتەپتىكى ۋاقىتنى قىسقارتىشقا، تاپشۇرۇق مىقدارىنى ئازايتىشقا، دەرسنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ، بەلكى بەزىلىرىنى ئاشۇرۇپ، بەزىلىرىنى كېمەيتىش كېرەك، ئىمتىھان بېرىشنى كۈچەيتىش، ماشىنىغا ئوخشاش كۆپلەپ سوئال ئىشلەش، مەكتەپ سىرتىدا ئالدىن، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ تەربىيەلەش قاتارلىق نامۇۋاپىق يۈكنى ئازايتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەخلاق تەربىيەسى، تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسى ۋە ئەمگەك ئەمەلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى زور كۈچ بىلەن قوزغاپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىكى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ